خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلام دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي روزا ھېيت يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»، «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» قاتارلىق ئورۇنلارغا تەكشۈرۈشكە بارغان.
ما شىڭرۈي بۇ جەرياندا ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تەكىتلەپ: «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك... ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنى، سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ما شىڭرۈي يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى»دىكى قورچاق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندە: «دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى، قانۇن-نىزام تەشۋىق-تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك» دەپ جار سالغان.
خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ناملىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنداقلا ئاتالمىش «مىللەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش» پىكىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرماقتا ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ سىياسىتىگە توسالغۇ بولىدىغان شەخسلەرنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆزدىن يوقاتماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى تېررور سىياسەتلىرىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەرىقىدە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، نەچچە مىڭلىغان ئۆلىمانىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەت، تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ خاتىرجەم ھالدا تېررور سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلىشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ