تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تەيۋەن دېڭىز چارلاش قىسمى قانۇنسىز ماي قاچىلاش بىلەن گۇمان قىلىنغان خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دېڭىز چارلاش قىسمى 23-مارت تەيۋەن دېڭىز رايونىغا قانۇنسىز كىرگەن خىتاينىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنى يېقىلغۇ ماي بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەيۋەن دېڭىز چارلاش قىسمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پاراخوت تەيبېينىڭ جەنۇبىدىكى شىنجۇ دېڭىز رايونىدا تۇتۇپ قېلىنغان. پاراخوتنىڭ ئىسمى، گۇۋاھنامىسى يوق ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان بولۇپ، دېڭىز چارلاش قىسمىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قېچىشقا ئۇرۇنغان، ئاخىردا تەيۋەن دېڭىز چارلاش خادىملىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، پاراخوت قانۇنسىز يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مەزكۇر پاراخوتتا تەخمىنەن 500 مىڭ لىتىر يېقىلغۇ ماي بار بولۇپ، تەيۋەن دېڭىز رايونىغا كىرگەن باشقا خىتاي پاراخوتلىرىنى ماي بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن. پاراخوتتا جەمئىي ئالتە كىشى بار بولۇپ، ھەممىسى كىملىكى يوق خىتايلار ئىكەن. ئۇلار تەيۋەن دېڭىز چارلاش قىسمى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ كېمە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تەيبېي پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ مەزكۇر دېڭىز رايونىدا بۇ خىل ۋەقەنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى، خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونلىرىدا قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى تەيۋەن تەرەپ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغان. تەيۋەن ھۆكۈمىتى رۇخسەتسىز دېڭىز پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دېڭىز رايونىدا چارلاشلارنى كۈچەيتكەن.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز رايونىدا بىر قانچە قېتىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن. بۇ يىل فېۋرالدا تەيۋەن دېڭىز چارلاش قىسمى تەيۋەن دېڭىز رايونىدا توگونىڭ بايرىقى ئېسىلغان، خىتاي خادىملىرى باشقۇرغان بىر پاراخوتنى توسقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەيۋەن ئەتراپىدىكى بىر دېڭىز ئاستى ئالاقە نۇر كابېلى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2025 12:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق