تەيۋەن ھۆكۈمىتى تىرامپنىڭ تەيۋەننى تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ تەيۋەننى قوللاشتىن ۋاز كېچىپ، تەيۋەننى تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئانالىزچىلار تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوللىشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنى ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن خىتاينىڭ بېسىۋېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە ئارىلاشماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. «بۈگۈن ئۇكرائىنا، ئەتە تەيۋەن» دېگەن شوئار بۇ ئەندىشىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، تەيۋەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتە ياخشى ئىپادە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىك دوست ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىش يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەننىڭ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىغا سالغان 100 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى ئىلتىپات تەلەپ قىلىش دەپ قارىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما گېئوپولىتىكىلىق سىياسىي مۇھىتتا تەيۋەن يەنىلا ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2025 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق