تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك مەنبەلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاللا تورىغا ئاشكارىلىشىچە، سۇرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شەرئى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن تەدمۇر شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر رايوننى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە سۇرىيە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىغا ئېرىشىدىكەن.

ۋاللا تورى يەكشەنبە كۈنى بىر ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە سۇرىيەدىكى ۋەزىيەتنى باھالاش يىغىنلىرىنىڭ بىرىدە، سۇرىيە سەھنىسىدە تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى، بۇ ئەردوغاننىڭ سۇرىيە ئىچىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا ھەرقانداق تەھدىتنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە تەدمۇردىكى تۈركىيە قىسىملىرى ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى قوزغىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھۇمۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقى كەلگۈسىدە تۈركىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن سۇرىيەنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ بېرىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بىۋاسىتە سۈركىلىش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن.

ئىسرائىلىيە تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتە سۇرىيەدىكى مەۋجۇت تەرەققىياتلار توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم يىغىن ئاچقان. تور بېكەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى، ئوق-دورا قاتارلىق ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى سۇرىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 998 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2025 11:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق