تۈركىيەنىڭ رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى TRT1 دە قۇرئان كەرىمنى گۈزەل تىلاۋەت قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قارىي يۇسۇف قەشقەرىي ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
ئۇ تىلاۋەتنى باشلاشتىن بۇرۇن رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇش جىنايىتىنى، جۈملىدىن تۈرلۈك ئىبادەت ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيەنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، مىسىردىن قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان رىياسەتچى ۋە باھالىغۇچىلار قايغۇلۇق سۈكۈتكە چۆمدى.
مەزكۇر پىروگرامما توققۇز يىلدىن بۇيان ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا تارقىتىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىللىق قۇرئان كەرىمنى گۈزەل تىلاۋەت قىلىش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قارىي يۇسۇف قەشقەرىي گۈزەل تىلاۋىتى بىلەن ھەپتىلىك ئايلانمىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە خۇرسەن قىلدى.