خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ساختا مەيدان ياساپ، چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىشنى كۆپەيتمەكتە ۋە بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي، ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى سودسوڭ ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار ئۆتكەن ئايدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى «كۆزىتىش» ئۈچۈن، 18-مارت شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىش پۇرسىتى قىلغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19-مارت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي تايلاند ئەمەلدارلىرىنى كۈتۈۋالغان.
كۆرۈشۈشتە ما شىڭرۈي زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تارىخ، مىللەت، دىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئەھۋالىغا ئالاقىدار يالغان بايانلار بىلەن تونۇشتۇرغان. ئۇ سۆزىدە: «بىز خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى ھەم سىياسىي ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىدۇق» دەپ بىلجىرلىغان.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۇمتام ۋېچاياچاي تايلاند بىلەن خىتاينىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى قېرىنداش، دوستلاردىن ئىكەنلىكى، بۇ قېتىملىق زىيارەتتە خەلقنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
تايلاند ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قېتىملىق زىيارەتتە پۈتۈنلەي خىتايغا ماسلىشىپ، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، قىيىن-قىستاق، باستۇرۇشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ