ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالتە مۇخبىرى تىرامپ كابىنېتىنىڭ ئامېرىكا خىراجەت ئاجراتقان ئورگاننى تاقىغانلىقىنى قانۇنسىز ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دەپ ئەرز سۇندى.
NPR نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرلىرى 21-مارت تىرامپ كابىنېتى ۋە ئامېرىكا يەرشارى مېدىيا ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇلى كارى لېيك ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، بۇ قىلمىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق ۋە ئامېرىكا پارلامېنتنىڭ فېدېراتىپ مالىيە ھوقۇقىغا بولغان كونتروللۇقىنى تارتىۋالغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاساسلىق دەۋاگەرلەر ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا يەرشارى مېدىيا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى ئۆتكەن ھەپتە 900 دىن ئارتۇق مۇقىم خىزمەتچىسىنى مۇددەتسىز دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، 550 توختاملىق خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشاتقان. ئامېرىكا يەرشارى مېدىيا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆپ قىسىم خادىملىرىمۇ مۇددەتسىز دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ پەقەت ئاز ساندىكى مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدا مەشھۇر بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئورگاننىڭ ئامېرىكىدىكى تارقىتىش مۇلازىمىتى چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋازىدىن ئىلگىرى ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىمۇ ئامېرىكا يەرشارى مېدىيا ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇلى كارى لېيك ۋە تىرامپ كابىنېتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ