ياپونىيە خىتايغا تەيۋەن بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئېغىر بەدىلى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەردى.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە 2026-يىلى 3-ئايغىچە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كيۇشۇ ئارىلىغا يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى جايلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىكى مەقسىتى شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ مۇمكىن بولغان تەھدىتلىرىگە، بولۇپمۇ تەيۋەن بوغۇزىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرگە قارشى قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئىكەن. يېڭىلانغان قىرغاقتىن پاراخوتقا ئېتىلىدىغان 12-تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قەدەمنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ۋە ياپونىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزۈش ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇش خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي مانېۋىرنىڭ كۆپىيىشى ئاستىدا ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، ياپونىيە غەربىي جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەتلەردە خاتا چۈشىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ماسلىشىشنى ياخشىلىماقچى بولغان. ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇنىڭ خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەدىن كېلىۋاتقان، كۈچىيىۋاتقان تەھدىتلەرگە بولغان ئىنكاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رايونلۇق بىخەتەرلىكنى ساقلاشتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ