ئامېرىكا پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىغىنىدا ئېلون ماسكقا خىتايغا قارشى ئۇرۇش پىلانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
CNN قانىلىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ SpaceX ۋە تېسلا شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنى، تىرامپنىڭ قوللىغۇچىسى ئېلون ماسكقا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان يىغىندا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇشقا قارشى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.
تىرامپ بۇنداق پىلانلارنى ھېچكىمگە، بولۇپمۇ ئېلون ماسك قاتارلىق خىتايدا مەنپەئەتى بار سودىگەرلەرگە ئورتاقلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خەۋەرلەرنى «ساختا خەۋەر» دەپ ئاتىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىلون ماسك تىرامپ ھۆكۈمىتىدە ئالاھىدە ۋەزىپىگە ئېرىشكەن بىر ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىيەتلىك رۇخسىتىگە ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىغىن مەزمۇنى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى رەت قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ