ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پارلامېنت ئەزاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇداپىئە تەمىنات زەنجىرىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل فىشېر (Pavel Fischer) تەيۋەننىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە تەمىنات زەنجىرىنى كۈچەيتىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، دۇنياۋى بىخەتەرلىكتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

فىشېر يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە تەيۋەننىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىلىم، تەجرىبىسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مۇھىم ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇن رۇسىيە ۋە خىتايدىن كەلگەن ئەرزان مەنبەلەرگە تايانغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، تېخىمۇ بىخەتەر ئىتتىپاقداشلارغا يۈزلىنىشكە چاقىرغان.

مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تاشقى كونتروللۇق ۋە ياۋروپانىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان پىسخىكىلىق ئۇرۇشلارغا قارىتا سەگەكلىكنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان ۋە شۇنداقلا دۇنياۋى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر ياۋروپانىڭ تەيۋەن بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە ئورنىتىش، ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە چىدامچانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 958 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2025 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق