ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ئىرانغا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 20-مارت ئىرانغا ئالاقىدار يېڭى جازا قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر قارار خىتاينىڭ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى - شەندۇڭ شوۋگۇاڭ لۇچىڭ نېفىت خىمىيە چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ زاۋۇتلىرىنى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان پاراخوتلارنى نىشان قىلغان.
بۇ پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق زور كۆلەملىك جازا ئېلان قىلىشى بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىشىنىڭ ۋە قوراللىق گۇرۇھلارغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ جازا يەنە ئىران نېفىتىنىڭ خىتايغا توشۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 12 شىركەت، ئورگان ۋە 8 پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي ئىراننىڭ ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچىسى بولۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى ۋاڭ شۆچىڭنى ئالاھىدە بېكىتىلگەن دۆلەت پۇقرالىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ بىر نېفىت-گاز تېرمىنالى جازا يۈرگۈزۈلگەن پاراخوتلاردىن كەلگەن ئىران خام نېفىتىنى سېتىۋالغانلىقى ۋە ساقلىغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ