خىتاي ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتتى

خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندا ئورگان تور بېكىتىدە پۇقرالار ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنىڭ رەسمىي تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 21-مارت خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىل 23-ئىيۇل ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئايرودۇرۇم گۇرۇھى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، بۇ ئايدا ئىسىم ئۆزگەرتىش تەستىقلانغان.

خىتاي رېجىمى 2023-يىلى خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «خوتەن كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمى» دەپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ناملىرىنىڭمۇ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى.

خىتاي خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن باھانە كۆرسىتىپ، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ 1931-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر بولغاچقا، ئايرودۇرۇم مەخسۇس نامى كەم بولۇپ، ئاتالمىش «تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش بەلگىلىمىسى»نىڭ 38-ماددىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاتالمىش خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن بۇ ھەقتە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى. خىتاي يەنە «كۈنگاڭ» دېگەن نامنىڭ خىتاينىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن لياڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «مىڭ سۆزلۈك دەستۇر»دىكى «قاشتېشى كۈنگاڭدىن چىقىدۇ» دېگەن شېئىردىن نەقىل ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغانلىقى ھەققىدە جار سالغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى قاتارىدا، شەرقىي تۈركىستاننى تۈپتىن خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي بۇ خىل تېررور سىياسىتىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىمۇ ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن يەر ناملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىسىم ئۆزگەرتىش جىنايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا قايتىدىن كۈچەيتىلىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2499 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2025 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق