ھاماس تېل ئاۋىۋغا يەنە ھۇجۇم قىلدى

ھاماس ئىسرائىلىيەگە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم راكېتا ھۇجۇمى قوزغىغان. بۇ سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى غەززە رايونىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغان. بۇ ئەھۋال ئىككى ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى تۈگىگەندىن كېيىن توقۇنۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى شىنبەتنىڭ مەسئۇلىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، دەل بۇ پەيتتە كىشىلەر تۇتقۇنلارنى قوغداش ئۈچۈن نامايىش قىلغان.

ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلارنىڭ قايتۇرۇۋېلىش بىلەن بىرگە، ھاماسقا قارشى ھەربىي زەربە بېرىش ھەققىدە ئىزدەنگەن. ھاماس بولسا ياشاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىدە چىڭ تۇرغان. بۇ جەرياندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ داۋراڭ قىلغان غەززە پىلانى ئاجىزلىغان. ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ پىلانى بولسا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1308 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2025 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق