خىتاي مالىيەسى تاموژنا بېجى سەۋەبلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن

خىتاينىڭ مالىيەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى سەۋەبلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 21-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ھۆكۈمەت خامچوتى دىققەت تارتىدىغان بىر ئىستاتىستىكا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، باج كىرىمىدىكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مالىيەدىكى چېكىنىش خىتاي رېجىمىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئېكسپورت كەسىپلىرىنى قوللاش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغان. يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، باج كىرىمى مۇقىم تۇرغان. ئەمما بۇ قېتىمقى تۆۋەنلەشنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى دىققەت قوزغىغان. باج كىرىمىنىڭ ئازىيىشى كارخانىلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قەرزلىرىنى ئادا قىلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1453 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2025 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق