خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنى «زىيارەت قىلىش» ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينى ئاقلاشتا چىڭ تۇردى.
باڭكوك پوچتا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي، ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى سودسوڭ ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار ئۆتكەن ئايدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، 18-مارت شەرقىي تۈركىستانغا ئۈچ كۈنلۈك «زىيارەتكە» بارغان. تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدى ئاستىدا، تايلاندنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە سۆز قىلغان پۇمتام ۋېچاياچاي كۆرۈشكەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا ئاساسەن تاللانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاينى ئاقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئويۇن ئويناپ، كۆز بويامچىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلغان.
پۇمتام زىيارەت قىلىش جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتلىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەرنى رەت قىلىپ: «ئۇلار بۇيرۇق بىلەن يىغلايدىغان ھوللىۋود ئارتىسلىرى ئەمەس. بىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۇلاردىن خۇشال ئىكەنلىكى سورالغاندا، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتلىرى تەبىئىي ئىدى» دەپ بىلجىرلىغان.
ئۇ يەنە مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغان پەيتنى تەسۋىرلەپ: «بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھېسسىياتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن. ئۇ يەنە كۆزەتكۈچىلەرنى تارقالغان سۆزلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىپادە، ئىشارەت ۋە ئاۋازلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھېسسىياتلارغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي تايلاند ئەمەلدارلىرىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، بۇرۇنقىدەكلا ئالدىن تەييارلانغان سەھنىلەرنى، جۈملىدىن ناماز ئوقۇش چەكلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلدۇرغان. تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە بىلجىرلاپ: «قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار خىتاي قانۇنى بويىچە ياخشى تۇرمۇش شارائىتىدا بىخەتەر ياشىماقتا» دېگەن.
خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئاساسەن خەۋەر قىلغان بانكوڭ پوچتا گېزىتى قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاللىبۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى، ئىلگىرى ئاغرىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىچە دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى باياناتچىسى جىرايۇ خوڭسۇب ئېلان قىلغان باياناتتا، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكى، بىر گۇرۇپپىنىڭ قەشقەردىن تەخمىنەن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغانلىقى، يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۈرۈمچىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتا ياشايدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن سىن ئارقىلىق سۆزلەشكەنلىكى ھەمدە ئاتالمىش «دىنىي زاتلار» بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەخپىيەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن سۈرەت ۋە سىنلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلىرىنى تۇتۇقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ھېچقانداق ئالاھىدە چەكلىمە قويۇلمىغانلىقى دەۋا قىلىنغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زىيارەت ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلار خىتاينىڭ قاتتىق نازارىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، سەيشەنبە كۈنى بىر گۇرۇپپا تايلاند مۇخبىرلىرى قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى زىيارەت جەريانىدا تايلاند مۇخبىرلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ تارتقان سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چىققان ۋە ماقۇللىمىغانلىرىنى تايلاندقا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۆچۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلىغان.
تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەنىدى ۋە 14-مارت تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ھەققىدە قارار ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ