ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 16-مارت ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، بىر قىسىم سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە مەسچىت ئىماملىرى قاتناشقان.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ھەر يىلى رامىزاندا گوللاندىيەدىكى ھەر قايسى تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پارتىيەلەر مەسئۇللىرىنى ئاساس قىلغان ئىپتارلىق پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلمۇ جەمئىيەتتە چوڭ تىپتىكى ئىپتار پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان.
پائالىيەت ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئوبۇلقاسىم قارىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلانغان. ئارقىدىن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ باشلىقلىرى، ھەرقايسى تۈرك تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
پائالىيەتكە 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ ئىشتىراك قىلغان ۋە سۆز قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ