ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 300 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ رامىزان ئېيىدا غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 18-مارت غەززەگە قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمى كۆپ قىسمى بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئاز 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ يانۋار ئېيىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق ھۇجۇم بولۇپ قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئىسرائىلىيە بولسا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، ھاماس نۇقتىلىرىغا قارشى زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، زۆرۈر بولغاندا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىمۇ ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھاماس تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەسىرلەر توغرىسىدىكى سۆھبەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن باشلانغان.

غەززەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلانغانلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، يەرلىك دوختۇرخانىلار ئېغىر ئەھۋالدا قالغان. ئۆتكەن 15 ئايدا توختىماي داۋاملاشقان ئۇرۇش غەززە رايونىدىكى ھاياتلىق ۋە مال-مۈلۈكنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2541 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2025 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق