تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش 16-مارت ئىستانبۇلدا ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئىپتارغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ قاتناشقان.
بۇ جەرياندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان پارلامېنت رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ۋە پۇقرالىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ياكى ئاخىرقى نەتىجىلىرى چىقمىغان كىشىلەرنىڭ تەلەپلىرى يېزىلغان مەكتۇپنى پارلامېنت رەئىسىگە سۇنغان.
مەكتۇپتا ئالدى بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، ھەمدە بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولىدىغانلىقى، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە، ھەر دائىم پىرېزىدېنتلىق ئالاقە كومىتېت ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن قايتا-قايتا «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتايغا ياكى قىيىن-قىستاققا ۋە ھاياتىي تەھدىتكە دۇچار بولۇشى مۇمكىن بولغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇلمايدۇ» دېگەن ئىپادىلىرىگە ۋە بۇ ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ قىيىن-قىستاق كۆرۈشى مۇمكىن بولغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئوچۇق-ئاشكارا قانۇن كاپالىتى بولۇشىغا قارىماي، ئىستانبۇل 16- ۋە 18-مەمۇرىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدە خىتايغا قايتۇرۇش قارارى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئاخىردا تۈركىيە رەھبەرلىرىدىن بۇ چوڭ خاتالىقنىڭ تۈزىتىلىشىنى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىلىرىنىڭ يوقىتىلىپ، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.
مەكتۇپتا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھېلىھەم تۈركىيە پۇقراسى بولالمىغانلىقى، تۈركىيە پۇقراسى بولۇش ئىلتىماس جەريانلىرى يىللاردىن بېرى ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، يېقىندا يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ پۇقرالىق تەلەپلىرى بىراقلا رەت قىلىنىش خەۋەرلىرىنىڭ كېلىشى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە جىددىيچىلىك، قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولغانلىقى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشى قەتئىي مۇمكىن بولمىغان ۋە باشقا بىر دۆلەتكە بارالمايدىغان، تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغان، تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىغا باغلانغان بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ۋە بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ يىلتىزىدىن ھەل بولۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەكتۇپنىڭ ئاخىردا يەنە: «يېقىندا تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى، ئارقىدىنلا تۈركىيەدىكى 16- ۋە 18-مەمۇرىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلدى. شۇڭا بۇ ئىككى مۇھىم مەسىلىنى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جىددىي ھەل قىلىش ئۈچۈن سۇندۇق» دېيىلگەن.