خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان ۋە چارلاش، تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىدە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىدە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان»غا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا 14 تۈر بويىچە كان ئىزدەش نىشانىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغانلىقى، ئالتە كان تۈرىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇلۇپ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى شاجىڭزى 3-رايون بۆلىكىدە يېڭىدىن 60 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى كۆپەيگەن. جەنۇبىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى ماناس دەرياسى-سەنتۇنخې دەرياسىدا يېڭىدىن 65 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر كۆمۈر قاتلىمى گازى كۆپەيگەن. ئۈرۈمچى شەھىرى سەيۋوپۇدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون تۈرىدە يېڭىدىن 100 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز كۆپەيگەن. چەرچەن ناھىيەسىدىكى جاڭگالسايدا يېڭىدىن 105 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر سىلانېتس گازى زاپىسى كۆپەيگەن. ئۇندىن باشقا، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى 12 نېفىت-تەبىئىي گازلىقتا بىر تۈركۈم نېفىت-تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك زاپىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2023-يىلىدىن بۇيان خېجىڭ نورخۇ تۆمۈر كانى، قومۇل شۇجىي كارىز تىتان تۆمۈر كانى، خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي كانى، خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن-سىنك كانى، ئۇلۇغچات ساباياردې ئالتۇن كانى، چەرچەن باشىگەنكې ئالتۇن كانى قاتارلىق ئىسىملاردىكى بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى كان ياتمىلىرىنى نۇقتىلىق چارلاپ، بىر تۈركۈم بايلىق مىقدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن. 2023-يىلى مارالبېشى-ئاتۇش بىر مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان قاتارلىق 12 چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسى يېڭىدىن شەكىللەنگەن. 2024-يىلى قومۇل ۋېييا ـ شۇجىي كارىز 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان قاتارلىق ئالتە بايلىق بازىسى يېڭىدىن شەكىللەنگەن.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 2025-يىلى مالىيە سېلىنمىسى داۋاملىق زورايتىلىپ، 917 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، نېفىت-تەبىئىي گاز، تۆمۈر، مانگان، خىروم، ۋانادىي، كوبالت قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چۆرىدەپ 181 تۈرنى ئورۇنلاشتۇرغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي بايلىقلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، 286 گېئولوگىيەلىك چارلاش ئورنى، 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشقا سېلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ