خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كانلارنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى داۋاملىق خىتاي شىركەتلىرىگە بەرمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يەنە 171 كاننىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2025-يىللىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسىنى تەشۋىق يىغىنى 18-مارت ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ جەرياندا مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، لىتىي قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان مېتال كانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 171 كاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنىدىكەن. ھازىرغىچە خىتاي مەركىزىي كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، خۇسۇسىي كارخانىلار، مالىيە ئورۇنلىرى قاتارلىق 180 دىن ئارتۇق ئورۇن يىغىنغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، -2024يىلى كان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسىنى تەشۋىق قىلىش يىغىنى خوتەن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى ۋە تيەنجىن شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي بۇ يىل ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك» كان ئىزدەش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سانىنى 200 دىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى كان ئىگىلىك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئېيتىشىچە، 2024-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 558 كاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىم 290 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كان بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما 153 خىل، ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىلغا يېتىدىكەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن تالان-تاراج قىلىنغان بايلىقلارنى پەقەت ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، غايەت زور تەبىئىي بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا ۋە كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3098 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2025 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق