ئامېرىكا يەنە ھاماسقا تەھدىت سېلىپ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا ھاماسنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئاشكارا قوللىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 15-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھاماسنى بىر قانچە تۇتقۇننى، جۈملىدىن ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە قوش گىراژدانلىق ئەسىرنى قويۇپ بېرىش ۋە باشقا ئەسىرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا بۇ ھەقتە تەھدىت سېلىپ، بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمىسا «ئېغىر» ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇ بېسىمى يېقىندا قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە ئۇزارتىش ئارقىلىق توقۇنۇشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان.

ھاماس ئامېرىكا تەلەپ قىلغان ئەسىر ئەدان ئالېكساندېرنى ۋە باشقا تۆت ئەسىرنىڭ جەسەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھاماسنىڭ مەخپىي تەلەپلىرى ئۇنىڭ ئاشكارا ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىشىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىسرائىلىيە بولسا ھاماس پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان. نۆۋەتتە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يېڭى سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2683 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2025 13:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق