خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 15-مارت ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا قېرىنداشلىق ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىلىش شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مۇھەممەد ئۆمەر قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە ئورتاق ھەمكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى، تەشكىلاتلىنىشنىڭ، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئىپتار ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پات پۇرسەتتە ھۆرلۈككە چىقىشى، خەلقنىڭ بۇنىڭغا لايىق ئىسلاھ بولۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ھەققىدە ئوپچە دۇئا قىلدى.