ھاماس تىرامپنىڭ غەززە خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك سۈرگۈن قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 13-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھاماسنىڭ باياناتچىسى ھازېم قاسىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر باياناتتا تىرامپ پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىن قوغلاپ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ھازېم قاسىم بۇنى پىرېزىدېنتنىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان قوغلاپ چىقىرىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ ئۆزگىرىش قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىغىندا غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە كېلىشىم ئېلان قىلىش پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ سۆھبەت ھاماس بىلەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ