خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرگەندىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىي روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن، مەخسۇس كوچا چارلىغۇچى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار كېچىدە كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ، نازارەت قىلىپ، قايسى ئۆيدە چىراغ يورۇپ قالغان ھامان ئىسپات سۈپىتىدە سۈرەتكە تارتىۋالىدىكەن. ئەتىسى ئۇلار ئاھالە كومىتېتىغا ياكى ساقچىخانىغا چاقىرىلىپ سوراق قىلىنىشقا باشلايدىكەن. سوراقتا «كېچىدە ئۆيۈڭنىڭ چىرىغى نېمىشقا يورۇدى؟ سوھۇرلۇق يېدىڭمۇ؟ ئۆيدىكىلەردىن كىم-كىملەر سوھۇرلۇق يېدى؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدىكەن. چاقىرىلغان كىشىلەر ھاجەتخانىغا چىققانلىقى، بالىسى ئاغرىپ قالغانلىقى، قوي-كالىسىغا قارىغانلىقى دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسەتسىمۇ، ساقچىلار ياكى خىتاي خادىملىرى بۇ خىل جاۋابلارغا ئىشەنمەيدىكەن ۋە ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سۇ ئىچىشكە مەجبۇرلايدىكەن.
خىتاي يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشتىن ئىبارەت تېررور سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنى، ئىبادەتلەرنى چەكلەپ كەلدى. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەش خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن باستۇرۇش سىياسىتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇنى تېخىمۇ قاتتىق ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا، تۈرمىلەرگە قاماشتا ئاساس قىلغان 10 خىل قائىدىسى ئىلگىرىكى دوكلاتلاردا ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ بۇ قائىدىلىرىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلمەكتە. ئاشكارىلانغان قائىدىدە تۆۋەندىكى شەخسلەرنىڭ باستۇرۇش نىشانى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى:
«1. ساقال قويغان ۋە ياغلىق چەگكەنلەر
2. مەكتەپتە ئانا تىلىنى ئىشلەتكەنلەر
.3 تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىشنى رەت قىلغۇچىلار
4.ئەرەبچە خېتى بار كىيىم كىيگۈچىلەر
5. ۋاتسئەپ ئىشلەتكۈچىلەر
6. يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تاكاللاشقۇچىلار ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار.
7. باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىققۇچىلار
8.ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە مېيىت ئۇزاتقۇچىلار
9. روزا تۇتقۇچىلار
10. مەسچىتكە كىرگۈچىلەر».
ھالبۇكى، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، كۆز بوياش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان ۋە بېكىتىلگەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق خەلقئاراغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ياشاۋاتقانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ