خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بېسىم قىلىشقا باشلىدى

خىتاي ئامېرىكا شىركىتى ۋالمارتنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ خىتايغا قويغان يۇقىرى نىسبەتتىكى تاموژنا بېجى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 12-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا يېڭى تاموژنا بېجى قويغانلىقى سەۋەبىدىن كۈچەيگەن كەسكىن ۋەزىيەت سەۋەبلىك، ئامېرىكا شىركىتى ۋالمارتنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنى سۆھبەتكە چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋالمارت شىركىتىنىڭ خىتايدا 283 ماگىزىنى بار ئىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ۋالمارتنىڭ خىتاي تەمىنلىگۈچىلىرىگە قويغان باھا تۆۋەنلىتىش تەلەپلىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، بۇ ئەھۋال تاموژنا بېجى يۈكىنى يەرلىك تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا ئارتىپ قويۇشى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇزۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى دەۋا قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىغا قارشى، ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويغان ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئامېرىكىغا قارشى دەۋا ئېچىشنى ئويلاشقان. گەرچە ھەر ئىككى تەرەپ پىرېزىدېنت تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي سودا بىرلەشمىسى ئامېرىكا تاموژنا باجلىرىنىڭ شىركەتلەرگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سودا قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 216 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2025 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق