پاكىستاندىكى بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى پويىزغا ھۇجۇم قىلىپ، 214 كىشىنى گۆرۈگە ئالغان.
نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 12- مارت خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمىنى پارتلىتىپ، نۇرغۇنلىغان يولۇچىنى گۆرۈگە ئالغان. ئۇلار 214 كىشىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ۋەقەنى رايوندىكى خىتاي ئىشچىلىرىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات پاكىستان تەرەپنىڭ 48 سائەت ئىچىدە قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرمىگەن تەقدىردە، تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
پاكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى 16 قوراللىقنى ئۆلتۈرۈپ، 104 يولۇچىنى قۇتقۇزغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بەلۇجىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى رايونغا قۇتقۇزۇش پويىزى ۋە ماشىنىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ھۇجۇم يۈز بەرگەن جاي قاقاس تاغلىق رايوندا بولۇپ، ئۇ يەرگە بېرىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.
ۋەقەگە بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى چېتىلىدىغان بولۇپ، پاكىستاندىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلات پاكىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۆلكىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاش بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىگە مەبلەغ سېلىشىغا قارشى گەۋدىلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ