ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان بولۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان باتارېيەلەرنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەش، خىتاي رېجىمىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ئورتاق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەلىرىگە ئاساسەن، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان باتارېيەلەرنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدا خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەلىرى كېيىنكى قەدەمدە كېڭەش پالاتاسىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىكەن.
ئاۋام پالاتاسى 10-مارت ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ھېچقانداق قارشىلىقسىز ھالدا H.R.1166 نومۇرلۇق «چەت ئەل رەقىبلىرىنىڭ باتارېيەسىگە بېقىنىشتىن قۇتۇلۇش قانۇنى»نى ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى پالاتا يىغىنىدا ئىجرا قائىدىسى توختىتىلغان تەرىقىدە ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولمىغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۇنيادىكى مۇھىم سانائەت ساھەسىدە تەسىر كۈچكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا چوقۇم خىتايغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا بېقىنىشتىن قۇتۇلۇش سېپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كارلوس ھىمېنىز پالاتادا ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن قىلغان سۆزىدە: «بىز باتارېيە تېخنىكىسىغا تېخىمۇ بەك تايىنىدىغان بولغاچقا، بۇ باتارېيەلەرنىڭ دۈشمەن دۆلەتلەردىن كەلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئاۋام پالاتاسى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكى دېموكراتچى پارلامېنت ئەزاسى لۇ كورىيا پالاتا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دېموكراتچىلارنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ خىتايغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە بۇ ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ