خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 9-مارت خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىلى خىتايدىكى توي قىلىش نىسبىتىنىڭ قاتتىق تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، خىتاينىڭ 2025-يىلىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 0.9 غا چۈشۈپ قېلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ «دۆلەت نوپۇس تەرەققىيات پىلانى (2030-2016-يىللار)»دا مۆلچەرلەنگەن 1.8 نىڭ پەقەت يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن. خىتايدىكى ئېغىر نوپۇس كىرىزىسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى نوپۇس كۆپەيتىش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 5-مارتتىكى ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدا تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، پەرزەنت تەربىيەلەشكە ياردەم پۇلى تارقىتىپ، بالا باققۇچى ئورۇن ۋە بالىلار باغچىسى بىرلەشمە خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي پەرزەنت تەربىيەلەش خىزمىتى تەمىناتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى يەنىلا گۇمان قوزغالغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-مارت خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيە»لىرى تۇغۇت ياردەم پۇلىنى شەخسلەرگىچە تارقىتىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغان، خېبېي، تيەنجىن قاتارلىق 16 ئۆلكە قىسمەن ئىشقا ئاشۇرغان.
خىتاي رېجىمى بۇندىن ئىلگىرى نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پەرزەنت سانى چەكلىمىسىنى بىردىن ئۈچكە چىقارغانىدى. شۇنداقلا بالدۇر توي قىلىشقا، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بالدۇر توي قىلغانلارنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش، تۇغۇت تولۇقلىما پۇلى بېرىش، تۇغۇت دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويغانىدى. ئەمما بۇ تەدبىرلەر خىتايدىكى نوپۇس ئازىيىش يۈزلىنىشىنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمىگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ئۆز نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 2021-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس يوقىتىش جىنايىتى نەتىجىسىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ