خىتاي تەيۋەنگە قارشى بېسىمنى كۈچەيتتى

خىتاي تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەربىي كۈچكە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ (ABC) 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەنگە قاراتقان بېسىمنى ئاشۇرۇش ھەققىدە تەھدىت سالغان بولۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللاش تەشەببۇسىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي تەيۋەننى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. خىتاي 2025-يىللىق مۇداپىئە خام چوتىنى %7.2 كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ خىراجەتلەرنى ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشچە، خىتاي دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مۇداپىئە خام چوتىغا ئىگە بولسىمۇ، تېخنىكا ساھەسىدە ئامېرىكىدىن ھېلىمۇ خېلى ئارقىدا تۇرىدىكەن. تەيۋەن ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت تەيۋەننى قوللايدىغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشنىڭ پىلتىسى، دەپ قارالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 188 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2025 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق