ھاماس ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەشكەن

ھاماس ئامېرىكا بىلەن تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە بىۋاسىتە سۆھبەتلەشكەن.

ئاۋسترالىيە ABC قانىلىنىڭ 11-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھاماس تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە پۇقراسى ئېدان ئالېكساندېرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. بۇ سۆھبەت قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان غەزەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولغان.

ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھاماس بولسا مىسىر ۋاسىتىچىلىرى بىلەن ئىجابىي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ھاماس بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشتىن ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئىسرائىلىيە سۆھبەتنى ئارقىغا سوزۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. گەرچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەب بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 141 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2025 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق