خىتاي بېيجىڭدا ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلدى

خىتايدا ئېچىلىۋاتقان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى» شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يالغان بايانلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-مارت خەۋەر قىلىشىچە، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى» بېيجىڭدا ئومۇمىي يىغىن تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىن زالىنى خىتاي ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتكەن. قورچاق ئەمەلدارلار بۇ جەرياندا مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

 ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسى قىلىۋاتقان ئىبارىلەرنى تەكرارلاپ: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق، مۇقىم ئىجرا قىلدۇق» دەپ جار سالغان.

ما شىڭرۈي يەنە بۇرۇنقىدەكلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىگە دۆڭگەش ئارقىلىق ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاپ، خىتاي كارخانىلىرىنى يامان غەرەزدە چەكلىدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنى نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتكە قايتۇرۇش، توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس. مەن ھەرقايسى مۇخبىر دوستلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ نەق مەيداننى كۆرۈپ بېقىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن» دەپ بىلجىرلىغان.

قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ: «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك ئامېرىكا تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قانداق قاراش كېرەك؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئوخشاشلا جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇ جاۋابىدا: «بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ، قانۇن ئاساسى يوق. بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىر قىسىم كارخانىلىرىمىز ‹شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت› دېگەن بىر قىسىم تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنى قانۇن بويىچە ئەرز قىلدى. بىز تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

ھالبۇكى، خىتاي يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» دېگەن باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ كەلدى. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق ئىبادەت ۋە سۆز-ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت خىتاي تەرىپىدىن چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى، ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى.

خىتاي رېجىمى يەنە خىتاي شىركەتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە كېڭەيتتى.

خىتاي يېقىندا يەنە شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئاتالمىش «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش» نامىدىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا ھەر يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇننى يەرلەشتۈرۈشنى نىشانلىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، تىل-يېزىقنى چەكلەش... قاتارلىق سانسىزلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى، كۆپلىگەن شاھىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ، خاتىرىلىنىپ ماڭماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 601 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2025 12:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق