ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن گۇماندارلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئېغىر جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىك گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن سەمەت ئاسىلتۈرك، سادىق مەمەتئەزىز، ھەبىبۇللاھ ئۈرۈمچى، ھاشىم سابىتئوغلى، ئابدۇللاھ ناسىر، قارى ئىلياس، نۇرئەخمەت ئۆمەرئوغلى قاتارلىق يەتتە جىنايەت گۇماندارى ھەققىدە ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

ھۆكۈمدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇماندار سادىق مەمەتئەزىزنىڭ دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتىدە تەمىنلەش جىنايىتى ئىسپاتلانغان بولۇپ، تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش شەكلى، جەريانى، قەستەنلىكى، كەلتۈرگەن خەتىرىنىڭ ئېغىرلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

سادىق مەمەتئەزىزنىڭ جىنايى جازاسىغا قارىتا، جىنايەتنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرلىرى، سوت جەرياندىكى ئىپادىسى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، 5237 نومۇرلۇق تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرى بويىچە بەلگىلەنگەن جازانىڭ 6/1 قىسمى قىسقارتىلىپ، ئەمەلى ئىجرا قىلىنىدىغان قاماق جازاسى 12 يىل 6 ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن.

سادىق مەمەتئەزىز بىلەن بىرگە تەكشۈرۈلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ھەبىبۇللاھ ئۈرۈمچى، ھاشىم سابىتئوغلى، ئابدۇللاھ ناسىر، قارى ئىلياس، نۇرئەخمەت ئۆمەرئوغلى ۋە سەمەت ئاسىلتۈرك قاتارلىق ئالتە كىشى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن.

ھۆكۈمدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئالتە كىشى گەرچە دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتىدە خىتايغا تەمىنلەش جىنايىتى بويىچە ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، بىراق تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر كىشىلەرگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەققىدىكى گۇمانلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمىغان. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەسس جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا مەزكۇر شەخسلەر ھەققىدە يولغا قويۇلغان ئەدلىيە نازارىتى تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ھۆكۈمدە يەنە ئاقلىنىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتقا سەرپ قىلغان چىقىملىرى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە 48 مىڭ لىرا قايتۇرۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان.

ھۆكۈمنىڭ ئاخىرىدا، ئاقلىنىپ چىققۇچىلارنىڭ نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان ۋاقىتلىرى ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 141-ماددىسى بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1201 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2025 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق