8-مارت خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا «ئىشغالىيەت ئاستىدا ئايال بولۇش: شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ئاۋازى» تېمىسىدا بايانات ئېلان قىلىش ۋە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت كۆچمەنلەر ۋە مۇھاجىرەت جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە كۆچمەنلەر ۋە مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۈزەييەن تاشچىئوغلى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىلدان كادىئوغلى سارىياشار بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.
باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىز-ئاياللارنى سىستېمىلىق باستۇرۇش، جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتەك ئېغىر دەپسەندىچىلىكلىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇنىڭدىن سىرت باياناتتا يەنە تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەن 40 ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم خەۋپى تىلغا ئېلىندى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت مەزكۇر 40 ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكىگە مەسئۇل بولۇشقا چاقىرىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ