خىتاينىڭ «ئىككى يىغىنى»دا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى قايتا تەكىتلەندى

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «خەلق قۇرۇلتىيى»دا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى قايتا تەكىتلەندى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 14-نۆۋەتلىك «خەلق قۇرۇلتىيى» 3-يىغىنىغا قاتناشقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتقا قاراپ چىققان.

شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلار يىغىندا سۆز قىلىپ، يىغىن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ مېڭىش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى تەكرارلاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا يېڭى بىر يىلدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش»نى دائىملاشتۇرۇش قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ما شىڭرۈي بۇرۇنقى سەپسەتىلىرىنى تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ بۇ ھەقتە بوھتان چاپلىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئاتالمىش «مىللەتنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ناملىرى ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە بىر قىسىم جازالارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق يوللۇق كۆرسىتىشكە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 848 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2025 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق