ھىندىستان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارشى ئىلگىرىلىمەكتە

ھىندىستان خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارشى ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي كارىدور پىلانى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنمەكتە.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىپ، ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى (IMEC) قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. بۇ قۇرۇلۇش خەلقئارالىق سودا يوللىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان چوڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا كارىدورى ئارقىلىق جەنۇبىي ئاسىيا، پارس قولتۇقى ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول، دېڭىز تىرانسپورت كارىدورى، ئېنېرگىيە تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە سانلىق مەلۇمات نۇر كابېلى تورى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ئىقتىسادىي ئورنى كۈچىيىدىكەن.

گەرچە غەززەدە ئۇرۇش پارتلىغانلىقى سەۋەبىدىن G20 يىغىنىدا قۇرۇلۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئاشقان. يېقىندا ھىندىستان باش مىنىستىرى ۋاشىنگتونغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا ئالتە ئاي ئىچىدە ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى شېرىكلىرى بىلەن يېڭى ھەرىكەت قوزغاش پىلانىنى ئېلان قىلغان.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ پىلاننى كونكرېت قوللىشى بىلەن، سودا پۇرسىتى قايتا شەكىللىنىپ، ھىندىستانغا غەرب بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە تېز سۈرئەتتە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارشى رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 718 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2025 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق