خىتاي: تەيۋەن كۈچ ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلسە، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن

خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئەگەر تەيۋەن قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، تېخىمۇ ئاجىز ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى دەۋا قىلغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي قانۇن كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر تەيۋەن مەجبۇرىي ھالدا قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ تىنچلىق بىلەن بىرلىشىشنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېننىڭ تەرتىپىگە قارىغاندا تېخىمۇ قولاي بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەگەر تەيۋەن خىتاي بىلەن بىرلىشىشكە قارشىلىق كۆرسەتسە، ئاپتونومىيە ھوقۇقى چەكلەنگەن بىر ئۆلكە دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەيۋەننىڭ تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىستېمىسىغا بولغان قارشىلىقى كۈچلۈك ئىكەن. بولۇپمۇ خوڭكوڭدا يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ مەجبۇرىي قوشۇۋېلىش پىلانىغا بولغان قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2025 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق