تىرامپ خىتاي ماللىرىغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى

تىرامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل خىتاينىڭ دەسلەپكى ئىككى ئايلىق ئىمپورتى ۋە ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا خىتاينىڭ ئىمپورت مىقدارى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، ئېكسپورت مىقدارىمۇ مۆلچەردىكىدىكىگە يەتمىگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ يولغا قويغان «ئىككىنچى قېتىملىق باج ئۇرۇشى» خىتايغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

تىرامپ تۇنجى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئالدى بىلەن خىتايغا قارشى بىرىنچى قېتىملىق باج ئۇرۇشى قوزغاپ، خىتاينىڭ نەچچە يۈز مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا زور مىقداردا تاموژنا بېجى قويغان. بۇ يىل 1-ئايدا ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەن تىرامپ دەرھال بارلىق خىتاي ماللىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى %10 ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇ يەنە خىتايغا قويۇلغان باجنى %10 ئۆستۈرگەن. ھازىرغا قەدەر خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان باج تەخمىنەن %45 كە يەتكەن.

تىرامپ باج ئۆستۈرۈش سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا فېنتانىلنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىنى ئۈنۈملۈك توسمىغانلىقىغا باغلىغان.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 6.54 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %1.2 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 3.88 تىرىليون يۈەن بولۇپ، %3.4 ئاشقان. ئىمپورت 2.66 تىرىليون يۈەن بولۇپ، %7.3 تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىغاندا، ئىمپورت-ئېكسپورت %2.4 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت %2.3 ئاشقان، ئىمپورت %8.4 تۆۋەنلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر باج ئۆسۈش توغرىسىدىكى پەرەزلەرنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، ئېھتىياجنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق ئېكسپورت سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 667 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2025 11:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق