خىتاي كانادانىڭ بەزى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇپ ئۆچ ئالدى

خىتاي كانادادىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەكلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئۆستۈردى.

نىكېي ئاسىيا تورىنىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كانادانىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىل، پولات مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا يۈرگۈزگەن باج سىياسىتىگە جاۋابەن، كانادانىڭ يېمەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يېڭىدىن باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر باج قارارى 20-مارت كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ كانادانىڭ قىچا مېيى، پىرەنىك، ئاشپۇرچاق ئىمپورتىغا قويۇلىدىغان %100 باج ۋە گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان %25 باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى كانادانىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان باجلىرى ھەققىدە «دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىنى بۇزدى. بۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان كەمسىتىش تەدبىرى» دەپ جار سالغان. كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر باج سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشكەن نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىن قالسىلا كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى خەلقئارا بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 642 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2025 11:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق