ئەرەب رەھبەرلىرى تىرامپنىڭ غەززە پىلانىغا قارشى تەكلىپنى قوللىدى

ئەرەب رەھبەرلىرى مىسىرنىڭ غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى پىلانىنى قوللىغان. بۇ پىلان ھازىرقى ئىككى مىليونغا يېقىن پەلەستىن ئاھالىسىنىڭ غەززە رايونىدا قېلىشىغا يول قويۇشنى مەقسەت قىلغان.

CNN قانىلىنىڭ 5-مارت خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ ئالاقىدار تەكلىپى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ پىلانى بىلەن روشەن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، تىرامپنىڭ پىلانى غەززە خەلقىنى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈرۈپ، غەززەنى ئاھالىسىز قىلىش ۋە ئۇنى ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئۆز پىلاننىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە غەززە ئاھالىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە سەۋەب بولماستىن، قايتا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ تەكلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2030-يىلىغىچە غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن 53 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش ھەمدە تۇرالغۇ بىنالىرى، دېھقانچىلىق رايونلىرى ۋە ئايرودۇرۇم، پورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ پىلاندا يەنە ھاماسنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ۋاقىتلىق باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، ھاماس مىسىرنىڭ قورال تاشلاش تەكلىپىگە قارشى تۇرغان. مىسىر قاھىرە ئالىي يىغىنىغا قاتناشقان ئاساسلىق ئەرەب دۆلىتى بولۇپ، يىغىندا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنكاسى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، نۆۋەتتە غەززەگە ياردەم بېرىشنى چەكلىگەن ۋە ھاماسنىڭ قورال تاشلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4405 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2025 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق