خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر «خىتايدا يوقاپ كېتىش: ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتايدا خالىغانچە تۇتۇن قىلىنىشىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە قوللانما» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن چەت ئەللىكلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» 25-فېۋرال خىتايچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە ئۈچ تىلدا دوكلات ئېلان قىلغان.
مەزكۇر دوكلات زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى بۇ خىل ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوكلاتتا خىتايدىكى سوت سىستېمىسىدىكى قانۇنىي باسقۇچلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنى %100 جىنايەتچى دەپ بېكىتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، سوت ھوقۇقىنى خالىغانچە ئىشلىتىش قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتايدا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، ئادۋوكاتلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى قول تەجرىبىلىرى توپلانغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا چەت ئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى كۈچەيگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ چەت ئەللىكلەرگە ئىشىكنى يېپىپلا قالماستىن، بەلكى سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن چەت ئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى بارغانسېرى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىگە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ياكى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تۇتقۇن دىپلوماتىيەسى دېلولىرىمۇ كىرىدىكەن.
بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى خىتاي بارغانسېرى تەكىتلەۋاتقان «دۆلەت بىخەتەرلىكى» رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 2023-يىلى 7-ئايدا تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا، 2024-يىلى 5-ئايدا قايتا تۈزىتىلگەن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى»غا ئاساسەن، خىتاي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئاشقان.
بۇ قوللانمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ سىرلىق قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىرىنچىدىن، خىتاي ئۆزىنىڭ كونسۇلخانا مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان چەت ئەل پۇقرالىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دەرھال ئاشكارىلىمايدىكەن ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئۇلارنى يوقلاش ھوقۇقىنى چەكلەيدىكەن. ئىككىنچىدىن، ۋاكالەتچى ئادۋوكاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلىدىكەن. ھەتتا ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ نازارەت قىلىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، دۆلەت بىخەتەرلىكى جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر كۆپىنچە بەلگىلەنگەن ئورۇندا نازارەت قىلىنىدىكەن. ئۇلار مەخپىي قارا تۈرمىلەردە ئايرىم تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن. بۇ خىل سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايغىچە سوزۇلىدىكەن. شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ئوچۇق سوت قىلىنمايدىكەن. خىتاي سوت سىستېمىسىدا قانۇنىي باسقۇچلار كەمچىل، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىر قېتىم سوتلانغاندىن كېيىن، ئاساسەن يۈز پىرسەنت جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىدىكەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش جەريانىنىڭ ئۇزۇن ۋە مەخپىي بولىدىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىشىدىن، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ جازا بېرىلىشىغىچە بولغان پۈتۈن جەريانغا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىنىڭ كونسۇلخانا بىلەن ئالاقە قىلىشتىن سىرت، يەنە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى ۋە ياخشى ئادۋوكاتنى ۋاكالەتچى قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. گەرچە ئادۋوكاتلار خىتايدا نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئەھۋالدا ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئاشكارا ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تۇغقانلىرى ھەققىدە قورقماستىن ئاشكارا ئاۋاز چىقارغۇچىلارنىڭ تۈرمىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى توسۇپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئىكەن.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئايال تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار ئەر تۇتقۇنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن. مەسىلەن، خىتايدىكى تۈرمىدە تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە دورىلارغا ئېرىشىش قىيىن ئىكەن، ھەتتا بېسىم ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئاياللاردا بىنورمال ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن. شۇنداقلا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش خەۋپىمۇ بار بولۇپ، ئانا بولغان ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت بالىلىرىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن ئېغىر روھىي ئازاب چېكىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ