تايلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، باشقا 8 ئۇيغۇرنىڭ تايلاند قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئىجرا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (The Nation)