ئىسرائىلىيە تانكىلىرىنىڭ جەنىن شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن پەلەستىن خەلقى ئۇزاققا سوزۇلغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئىگىلىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقتىكى جەنىن شەھىرىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تانكا، بىرونېۋىك، توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تاجاۋۇزنى كۈچەيتىشنىڭ ئالامىتى دەپ قارالغان.
بۇ ئەھۋال بىر نەچچە ھەپتىلىك قاتتىق ھەربىي توقۇنۇشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز بۇ رايوندا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
2023-يىلى 10-ئايدىن بۇيان غەربىي قىرغاقتا 40 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاھالىلەر رايوندىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن. مۇساپىرلار لاگېرلاردا سۇ ۋە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن.
يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان ئاھالىلەر تۇيۇقسىز كۆچۈرۈلۈش ۋە زوراۋانلىقلارنى ئەسلەپ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغان پاناھگاھلاردا قىستىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقتىمۇ خەلق ۋەيرانچىلىق ۋە خەتەرگە قارىماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئۈمىد قىلماقتىكەن.
جەنىن شەھىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقان ۋە ھېچقانداق ھەل قىلىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندىكى پەلەستىن ئاھالىسىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ