چاقماق خەەر

ئىستانبۇلدا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 22-فېۋرال ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇسابىقىدە ياشلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەش، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقىگە جەمئىي 17 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشقان.

مۇسابىقىدە ھەرقايسى ماھىرلار تۈرلۈك ساھەلەرگە چېتىلىدىغان تېمىلار بويىچە نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بىر تۈركۈم دوتسېنت، دوكتورلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتنىڭ باھالاپ چىقىشى بىلەن ئوخشىمىغان دەرىجىلەر بويىچە مۇكاپاتلانغان.

بۇ خەۋەر 3517 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2025 09:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق