چاقماق خەەر

«مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىلەن يەر يۈزى ئادالەت ئايال ئادۋوكاتلار مۇنبىرى 22-فېۋرال بىرلىكتە «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئادالەت مۇنبىرى رەئىسى سەرپىل پەنەس شاھىن ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئالاقىدار دوكلات تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىندا ئادۋوكات ئايشە كۈركچۈ، پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت، تەتقىقاتچى ۋىلدان قادىرئوغلى سارىياشار قاتارلىقلار مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 3517 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2025 09:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق