23-فېۋرال ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش تېمىسىدىكى يۈرۈش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىش مۇشتۇ ياشلار جەمئىيىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن تەشكىللەنگەن.
تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيە بايراقلىرىنى ۋە خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ شوئار تولىغان. نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ساھافلار بازىرى يېنىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن. ئارقىدىن يۈرۈشنى باشلىغان خەلق تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىش جەريانىدا ژۇرنالىست ئادەم ئۆزكۆسە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، تەتقىقاتچى، يازغۇچى ئابدۇللاھ ئوغۇز، پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى قاتارلىقلار سۆز قىلغان.
ئۇلار باياناتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغانلىقى سەۋەبلىك يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا ئۇيغۇرلارنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېمەستىن قامىغانلىقىنى، ھالبۇكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىن خىتايغا قارشى ئاۋاز كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە ئاخىردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولۇشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ