ما شىڭرۈي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىبارىسىنى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 17-فېۋرال بۈگۈر ناھىيەسى، كورلا شەھىرى ۋە دىۋىزىيە رايونىغا بېرىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»قا كۈچەش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي بۈگۈر ناھىيەسى، كورلا شەھىرى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق چىڭىتىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى نامايان قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي يەنە بۈگۈر ناھىيەسىگە جايلاشقان خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئوخشاشلا «ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئاتالمىش «مىللەتنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى» نامىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق يوللۇق كۆرسىتىشكە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 458 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2025 10:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق