ئامېرىكا خىتايدىكى خادىملىرىنى %10 قىسقارتىشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدا تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خادىملىرىنى %10 قىسقارتىشنى پىلانلىغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 20-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتايدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنى %10 كە يېقىن قىسقارتىدىغان بولۇپ، بۇ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانا ھەمدە گۇاڭجۇ، شاڭخەي، شېنياڭ، ۋۇخەن ۋە خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. «مۇھىم» دەپ سۈپەتلەنگەن بۇ قېتىملىق خادىم قىسقارتىش 1979-يىلى ئامېرىكا خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەمدە خادىم قىسقارتىش ھېسابلىنىدىكەن. قىسقارتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خادىملار پات ئارىدا خىزمەتتىن بوشىتىش ۋە ئاخىرقى خىزمەت كۈنى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خادىم قىسقارتىش پىلانى پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «خىزمەتچىلەرنى ئەلالاشتۇرۇش كۈنتەرتىپى» بىلەن ماس قەدەمدە بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 427 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2025 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق