خىتايدىكى چەت ئەل مەبلىغى داۋاملىق ئازىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي يولغا قويغان «چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشلىرى ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى چەت ئەل كاپىتالىنىڭ سىرتقا ئېقىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. گەرچە خىتاي چەت ئەل مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش «چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشى، تىجارەت مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە خىتايدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنىڭ قاتتىقلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ خىتايغا قايتىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مۈجمەل بولۇپ قالغان.
خىتاي چەت ئەل تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى پەسىلدە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان كاپىتال ئېقىمىنى خاتىرىلەيدىغان «كاپىتال ۋە مالىيە ھېسابى»دىكى پاسسىپ بالانس 180.7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن يىللىق پاسسىپ بالانس 441.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇ سان چەت ئەل كاپىتالىنىڭ خىتايدىن ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2024-يىلى خىتايدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن چەت ئەل كاپىتالى 168 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 1990-يىلىدىن بۇيانقى خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش سوممىسى 173 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ كاپىتالنى چەت ئەلگە يۆتكەشنى تېزلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، كاپىتالنىڭ چەت ئەلگە ئېقىش دولقۇنى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى قايتا باشلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
«ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى» باھانىسىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىتاي ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە چېكىنگەن. ئەمما خەۋەردە ھېسابلاش ئۇسۇلى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسىتى چەت ئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. خىتاي رېجىمى ئۆتكەن ھەپتە دائىمىي يىغىن ئېچىپ، «2025-يىللىق چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى»نى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەستىقلىغان. ئەمما خىتاينىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ