ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ئارمىيەلىرى ئاۋسترالىيەگە يېقىنلاشقان خىتاينىڭ ئۈچ ھەربىي پاراخوتىنى كۆزەتمەكتىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 20-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ئارمىيەلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى بويلاپ بىنورمال ھالدا جەنۇبقا قاراپ كېتىۋاتقان خىتاينىڭ ئۈچ ھەربىي پاراخوتىنى نازارەت قىلغان. ئاۋسترالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلىس بۇ پاراخوتلارنىڭ خېڭياڭ قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە زۇنيى ئوكيان چارلاش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەۋە دېڭىز رايونىدا ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن. مارلىس بۇ ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەمما ھەقىقەتەن بىنورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ھەربىي قوماندانىنىڭ زىيارىتى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى كۆز-كۆز قىلماقتا، دەپ قارالغان. گەرچە ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە بۇ ئەھۋالنى جىددىي كۆزىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تېخىچە خىتايدىن بۇ قېتىملىق ۋەزىپە ياكى كەلگۈسىدىكى پىلان توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ