ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش داۋاملاشماقتا

ھاماس غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بويىچە ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خانيۇنۇس شەھىرىدە ئىجرا قىلىنغان ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، 4 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ جەسىتى خەلقئارالىق قىزىل كىرېست تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇلغان.

ھاماسنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەسىرلەر ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

كېلىشىم بويىچە، شەنبە كۈنى يەنە 6 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 42 كۈنگە سوزۇلىدىكەن. بۇ جەرياندا 1900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ۋە 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى پىلانلانغان.

19-يانۋاردىن باشلانغان بۇ كېلىشىم نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە 1135 پەلەستىنلىك تۇتقۇن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن، 19 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ھاماس تەرەپتىن قويۇپ بېرىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 428 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2025 10:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق